توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى ئىجازەت كېلىشىمى

نەشر يېڭىلانغان ۋاقتى: [2021]-يىلى [04]-ئاينىڭ [01]-كۈنى

ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسىغا قاتنىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «مەزكۇر پىروگرامما» دەپ ئېلىنىدۇ) توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى چەكلىك شىركېتى ئىشلەپ چىققان ۋە يۈرۈشتۈردىغان، توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان (توڭشىن ئۈستەليۈزى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ۋە توڭشىن مۇلازىمېتىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، تۆۋەندە قىسقارتىپ «توڭشىن UOS» دەپ ئېلىنىدۇ) ئىشلەتكۈچى تەسىراتى تور مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق توڭشىن UOS ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرى، ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا بولىدۇ، ۋە توڭشىن UOS نىڭ تېخىمۇ ياخشىلاشقا بولىدىغان مەشغۇلات سىسىتېما ئىقتىدارلىرىنى بايقاش ئۈچۈن، توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىدۇ.
بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى ئىجازەت كېلىشىمى (تۆۋەندە »مەزكۇر كېلىشىم» دەپ ئېلىنىدۇ) دە بەلگىلەنگەن بارلىق ھوقۇق ۋە چەكلىمىلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ. مەزكۇر كېلىشىم سىز (تەبىئىي ئادەم، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات) ئارىسىدا كېلىشكەن قانۇنىي كېلىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر پىروگراممىغا قاتناشقانلىقىڭىز مەزكۇر كېلىشىمگە قوشۇلغانلىقىڭىز ۋە مەزكۇر كېلىشىمنى ئوقۇپ چۈشەنگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخس بولسىڭىز، مەزكۇر پىروگراممىغا قاتناشقانلىقىڭىز، سىزنىڭ بۇ ئورۇنغا ۋاكالىتەن بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر مەزكۇر كېلىشىمدىكى ھەرقانداق بىر ماددىغا قوشۇلمىسىڭىز، بۇ پىروگراممىنى قوزغاتماڭ.
ئەگەر مەزكۇر كېلىشىم يېڭى كېلىشم نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇلمىسا، تاپشۇرۇلۇش ئۇسۇلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەزكۇر كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىلەر ھەرقانداق نەشىردىكى ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسىغا ۋە بارلىق مۇناسىۋەتلىك يېڭىلانمىلارغا ماس كېلىدۇ.

1．شەخسىيەت تۈزۈمى. توڭشىن يۇمشاق دېتالى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرىنى قاتتىق قوغدايدىغان شەخسىيەت تۈزۈمى بەرپا قىلغان بولۇپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر مەزكۇر كېلىشىم ۋە شەخسىيەت تۈزۈمىگە بىرلا ۋاقىتتا قوشۇلغاندا ئاندىن مەزكۇر پىروگراممىغا قاتنىشالايدۇ. مەزكۇر پىروگراممىغا قاتناشقاندا، بىز مەزكۇر كېلىشىم ۋە شەخسىيەت سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە ئۈسكۈنىڭىزدىن سانلىق ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. تۆۋەندىكى تور بەتتىن شەخسىيەت سىياسىتى تەپسىلاتىنى كۆرۈشكە بولىدۇ: [https://www.uniontech.com/agreement/privacy-cn ]
2．پىروگراممىغا قاتنىشىش UOS مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئورنىتىش جەريانىدا ياكى UOS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ «كونترول مەركىزى-ئومۇمىي- ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» دا «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى قولدا ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. مەزكۇر پىروگرامما قوزغىتىلغاندىن كېيىن توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ كې��ىشىمدە ۋە شەخسىيەت تۈزۈمىدە ئېيتىلغان ئۇچۇرلارنى توپلايدۇ. «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى خالىغان ۋاقىتتا شەرتسىز ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
3．بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى. بۇ پىلاندىكى توڭشىن يۇمشاق دېتالىغا تەۋە نەشر ھوقۇق قىسمى نەشر ھوقۇقى قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، توڭشىن يۇمشاق دېتالى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى شىركەتلىرى«统信» ۋە «统信UOS» ماركا ۋە بەلگىسىنىڭ قانۇنلۇق ماركا ھوقۇقىغا ئىگە. (1) مەزكۇر پىروگراممىدىكى ھەرقانداق نەشر ھوقۇقى بەلگىسى ۋە ماركا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. (2) مەزكۇر پىروگرامما ( مەزكۇر پىروگراممىدىكى ھەرقانداق سۈرەت، رەسىم، كارتون، سىن، ئۈن، مۇزىكا، تېكىست ياكى قوشۇمچە پىروگرامما، رەڭ، كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى، بەت رامكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ)، قوشۇمچە قىلىنغان تېكىست باسما ماتېرىياللىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى ۋە باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىغا مەنسۇپ (ئۈچىنچى بىر تەرەپكە مەنسۇپ ماركا ۋە ئۈچىنچى بىر تەرەپكە مەنسۇپ باشقا ھوقۇقدىن باشقا) ياكى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ھوقۇقى بار. (3) مەزكۇر پىروگرامما ۋە تېكىست باسما ماتېرىياللارنىڭ نەشر ھوقۇقى بار ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نەشر ھوقۇقى قانۇنى، ماركا قانۇنى، پاتېنت قانۇنى، توغرا بولمىغان رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە خەلقئارا نىزامنامىلەرنىڭ قوغدىشىغا ئۇچرايدۇ. (4) بۇ پىروگراممىدىكى نەشر ھوقۇقى باياناتىنى چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.
4．ئىشلىتىش شەرتلىرى قانۇن-نىزاملارغا ۋە مەزكۇر كېلىشمىگە بويسۇنغان ئاساستا مەزكۇر پىروگراممىغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمىگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ:
1)تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ماس كەلمەيدىغان، ياكى نامۇۋاپىق، ھاقارەتلەيدىغان، شەھۋانىي، زوراۋان ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش ۋە ساقلاش.
2)باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىك ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش، ساقلاش؛
3)ئېلان ئۇچۇرلىرى ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى كۆپ مىقداردا توپ ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش؛ 
4)ئىشتىن بۇرۇن شۇ تەرەپنىڭ تولۇق ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا (نەشر ھوقۇقى، ماركا ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى، شەخسىيەت ھوقۇقى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك قەدىر- قىممەت ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ) دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان سۈرەت، رەسىم، يۇمشاق دېتال ۋە باشقا ماتېرىياللار بار ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىشقا، يوللاشقا، تارقىتىشقا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يوللاشقا بولمايدۇ؛ 
5)تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ: رۇخسەتسىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىش ياكى رۇخسەتسىز مۇلازىمېتىر / ھېساباتقا كىرىش؛ ئاممىۋى تورغا ياكى باشقىلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا رۇخسەتسىز كىرىش ۋە ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش ياكى قوشۇش؛ ئىجازەتسىز تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، سىكانېرلاش، يۇمشاق دېتال سىستېمىسى ياكى تورنىڭ ئاجىزلىقىنى سىناش ياكى تور بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى قىلىش؛ يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنىڭ نورمال مەشغۇلاتىغا دەخلى قىلىش ياكى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش، يامان غەرەزلىك پىروگراممىلار ياكى ۋىرۇسلارنى قەستەن تارقىتىش ۋە نورمال تور ئ‍ۇچۇر مۇلازىمىتىگە دەخلى قىلىدىغان قىلمىشلار، ؛  TCP / IP سانلىق مەلۇمات بوغچىسى ئىسمى ياكى ئىسىمنىڭ بىر قىسمىنى يالغاندىن ياساش؛
6)ۋە باشقا ھەرقانداق قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن، قانۇنسىز مۇددىئا بىلەن ياكى مەزكۇر كېلىشىمگە ماس كەلمىگەن ئۇسۇل بىلەن بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىش قىلمىشلىرى. 
ئەگەر يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئۆز ئالدىغا مەزكۇر پىروگراممىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىغا قاتنىشىشىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇش، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن توختىتىش، چەكلەش ھوقۇقىغا ۋە يۇقىرىقى قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.
5．جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش چۈشەندۈرۈشى . مەزكۇر پىروگرامما سېتىشتىن كېيىنكى ھەرقانداق باشقا شەكىلدىكى كاپالەتلەردىن بەھرىمەن بولمايدۇ. قانۇن يول قويغان ئەڭ زور چەك ئىچىدە، توڭشىن دېتاللىرى ھەرقانداق ئاشكارا، سۈكۈتتىكى ياكى قانۇن بەلگىلىگەن كاپالەت، كېپىللىك ياكى شەرتلەر بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بۇ مۇناسىۋەتلىك سېتىلىشچانلىقى، ئالاھىدە مەقسەتكە قوللىنىشچانلىقى ۋە ھوقۇققا دەخلى قىلماسلىق سۈكۈتتىكى كاپالەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ.
 سىز دائىم ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش خەۋپىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك. مەزكۇر پىروگراممىغا قاتنىشىشتىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە خەتەرگە قارىتا، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شەخسىي زىيان، سودا پايدىسىنىڭ يوقىلىشى، سودا ئۈزۈلۈپ قېلىش، سودا ئۇچۇرلىرىنىڭ يوقىلىشى ياكى باشقا ئىقتىسادىي زىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى تېلېگراف سىستېمىسى ياكى ئىنتېرنېت تورىنىڭ كاشىلا قىلىشى، سىستېمىنىڭ كاشىلا قىلىشى ياكى باشقا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر (خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .
6．ئىجازەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش. (1)ئەگەر مەزكۇر كېلىشىمدىكى ھەرقايسى ماددا ۋە شەرتلەرگە بويسۇنمىسىڭىز توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى مەزكۇر كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ. (2) سىزگە مەزكۇر پىروگراممىنىڭ ھەرقانداق ئالماشتۇرۇلغان نۇسخىسى، ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ياكى يېڭىلانغان نۇسخىسى تەمىنلەنگەندە، سىزنىڭ بۇ خىل ئالماشتۇرۇلغان نۇسخا ياكى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخا ياكى يېڭىلانغان نۇسخىنى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئورنىغا قوبۇل قىلىشىڭىز شەرت، شۇنىڭدىن كېيىن توڭشىن مەزكۇر توختامنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ.
7．باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە قانۇنىي قوللىنىلىشى. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىجرا قىلىنىشى، چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىنىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن بۇنىڭ سىرتىدا) قانۇنىغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز ۋە توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئارىسىدا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ياكى ئىجرا قىلىنىشىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە ئىككى تەرەپ دوستانە كېلىشىشى كېرەك؛ ئ‍ەگەر كېلىشىش مۇمكىن بولمىغاندا، ھەرقانداق بىر تەرەپ توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. 
8．چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش. مەزكۇر كېلىشىمگە قارىتا توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى چەكتە چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى خالىغان ۋاقىتتا قانۇن-نىزاملارنىڭ ئۆزگىرىشى، شىركەت سودا ئەھۋالى ۋە سودا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا مەزكۇر كېلىشىمگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كېلىشىم يېڭى نەشر توڭشىن UOS گە قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن مەزمۇنىنى ئوقۇپ قوشۇلۇشنى تاللىشىڭىز كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، مەزكۇر كېلىشىم بىكار قىلىنىپ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى كېلىشىمگە ئاساسلىنىش كېرەك. ئەگەر مەزكۇر كېلىشىمدىكى ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنغا قوشۇلمىسىڭىز مەزكۇر پىروگراممىنى قوزغاتمىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مەزكۇر پىروگراممىغا داۋاملىق قاتناشسىڭىز، مەزكۇر كېلىشىمدىكى ئۆزگەرتىشلەرگە قوشۇلغان بولۇپ ھېسابلىنىسىز.
9．بىز بىلەن ئالاقىلىشىش. ئەگەر مەزكۇر كېلىشىمگە قارىتا سوئالىڭىز بولسا ياكى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بىۋاسىتە توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ: support@uniontech.com