نەشر يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى

شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇقىڭىز ۋە مەنپەئەتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، بىز يېقىندا «توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى مەخپىيەتلىك سىياسىتى» نى يېڭىلىدۇق.

بۇ قېتىمقى يېڭىلاشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ۋە يادرولۇق مۇھىم نۇقتىلىرىنى تېز چۈشىنىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇھىم مەزمۇنلار پاراگرافى ۋە توپلىنىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلار تىزىملىكى قوشۇلدى؛

2. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاشتىكى مەقسىتىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن بەزى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر توپلاش چۈشەندۈرۈشىگە تەڭشەش كىرگۈزۈلدى؛

3. بەزى بابلارنىڭ ئابزاس ۋە تېكىست ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەڭشەلدى.

توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتىشتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، تولۇق تېكىستنى تەپسىلىي ئوقۇپ تولۇق چۈشىنىپ چىقىڭ ۋە بارلىق مەزمۇنلارغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىڭ ياكى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى مەخپىيەتلىك سىياسىتى

يېڭىلانغان ۋاقىت: 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى

كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى مەخپىيەتلىك سىياسىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتى» دېيىلىدۇ) توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان شىركەتلەر بىر تەرەپ قىلىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى (تۆۋەندە «توڭشىن يۇمشاق دېتالى» ياكى «بىز» دېيىلىدۇ)، شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىز ۋە مەقسىتىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «توڭشىن UOS» دېيىلىدۇ) سىز ئۈچۈن تەمىنلىگەن توڭشىن مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى» دېيىلىدۇ) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكرېت مۇلازىمەت تۈرلىرىنى مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرىمىز.

ئەگەر مەزكۇر مەخپىيەتلىك تۈزۈمىگە نىسبەتەن ھەرقانداق سوئال، ئىنكاس ياكى تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ:

توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
     
[ئادرېسى] بېيجىڭ شەھىرى ئىقتىساد ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، كېگۇ 1-كوچىسى 10-نومۇرلۇق قورۇ 12-بىنا 18-قەۋەت
 
[تېلېفون] 400-8588-488

[شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش بۆلۈمى/شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل خادىم] قانۇنىي ئىشلار بۆلۈمى/قانۇن ئىشلار باش نازارەتچىسى

[شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل خادىمنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى]privacy@uniontech.com

مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:

شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشىنىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئىشلىتىش، ۋە قوغداش ئەھۋالىغا قارىتا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردۇق. شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى ئاساسلىق ئەھۋاللارنى بىز تىزىملىك ئۇسۇلىدا چۈشەندۈردۇق، سىز «شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش تىزىملىكى» نى كۆرەلەيسىز.

ئاساسىي تىجارەت ئىقتىدار مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە، ئەگەر توڭشىنUOS نى ئاكتىپلىسىڭىز، ئاكتىپلاشنى تاماملاش ئۈچۈن تور كىملىك ئۇچۇرلىرى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلار توڭشىن UOS ئاساسىي تىجارەت ئىقتىدارلىرىنىڭ نورمال مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئۇچۇرلار بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلار كەم بولسا ئاساسىي تىجارەت ئىقتىدارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇلازىمەتلەردىن باشقا، توڭشىن يۇمشاق دېتالى يەنە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچىلەرنى كېڭەيتىلگەن تىجارەت ئىقتىدار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بايان قىلىنغان مەزمۇن بويىچە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشىڭىز توڭشىن UOS نىڭ ئاساسىي تىجارەت ئىقتىدار مۇلازىمەتلىرىنى تەمىنلىشىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 

بىز قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنى ئىچىدە ساقلايمىز، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بايان قىلىنغان مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈنلا، قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ساقلايمىز. ئەگەر ساقلاش مۇددىتى قانۇن-نىزاملار رۇخسەت قىلغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى زىيارەت قىلالايسىز، تۈزىتەلەيسىز ياكى ئۆچۈرەلەيسىز، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى بەلكىم كۆپ خىل تىلدا بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما قايسى تىل نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ، ئاددىي خەنزۇتىلى نۇسخىسى ئەڭ توغرا ئىزاھ بولىدۇ.

مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتى پەقەت 14 ياشتىن يۇقىرى ئىشلەتكۈچىلەرگىلا ماس كېلىدۇ، ئەگەر سىز 14 ياشتىن تۆۋەن ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، سىز ۋە سىزنىڭ ۋەسىيىڭىز «توڭشىن يۇمشاق دېتالىنىڭ بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قوللانمىسى» نى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. ۋەسىيىڭىزنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋەسىيڭىزنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكىدە توڭشىن UOS ھېساباتى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلەيسىز ياكى بىزگە شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلىيەلەيسىز.

بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتى پەقەت توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولمىغان كىشىلەرگە قوللىنىلىدۇ، ئەگەر سىز ياۋروپا ئىتتىپاقى رايونىدىكى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بىزنى قوشۇمچە چۈشەندۈرۈش بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىڭىز بار، ھەمدە بىزنىڭ سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ئىلتىماسىڭىزنى رەت قىلىش ھوقۇقىمىز بار.

مەھسۇلاتلىرىمىز ۋە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، بىز تەمىنلىگەن ھەرخىل مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ مەزمۇنىنى، بولۇپمۇ توم ۋە قارا خەت نۇسخىسى قىسىمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنى چۈشىنىپ چىقىڭ ۋە ھەمدە بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنگەن ئاساستا مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتلەرگە رۇخسەت قىلىڭ.

مەزكۇر سىياسەت تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ: 

1. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز

2.شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلاش ئۇسۇلىمىز

3. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى سىرتقا قانداق تەمىنلەيمىز، ئۆتۈنۈپ بېرىمىز ۋە ئاشكارىلايمىز

4. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق قوغدايمىز

5. ھوقۇقىڭىز

6. بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتى قانداق يېڭىلىنىدۇ

7. بىز بىلەن ئالاقىلىشىش.

8. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىغا شىكايەت قىلىش ياكى ئەرز قىلىش ھوقۇقىڭىز

بىرىنچى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز

سىز توڭشىن UOS مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە، بىز قانۇنلۇق،ئادىل، زۆرۈرىيەت ۋە سەمىمىيلىك پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، پەقەت كونكرېت، مەلۇم، ئېنىق ۋە قانۇنىي مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنى توپلايمىز، ھەمدە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەقسەتلەرگە ماس كەلمەيدىغان ئۇسۇلدا يەنىمۇ بىر قەدەم بىر تەرەپ قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئالاقىداشلار ئۇچۇرى

دوستلار تىزىملىكى، دوستلار مۇناسىۋىتى، دوستلار ھېساباتى ۋە ئىزاھاتى، دوستلارنى گۇرۇپپىلاش ئۇچۇرى، دوستلار توپى ئۇچۇرى، يىغىنغا قاتنىشىش خاتىرىسى ۋە يىغىن باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

تور كۆرۈش ئۇچۇرلىرى

توركۆرگۈچ نەشرى ئۇچۇرى، خەتكۈچ ئۇچۇرى، تور كۆرۈش تارىخى، توركۆرگۈچ تەڭشىكى، ئاپتوماتىك تولدۇرۇش سانلىق مەلۇماتلىرى، IP ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

ئاساسلىق شەخسىي ئۇچۇر

تۇغۇلغان كۈن، جىنس، شەخسىي يانفون نومۇرى، ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

تور كىملىك ئۇچۇرلىرى

MAC ئادرېسىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

ئۈسكۈنە ئۇچۇرى

ئۈسكۈنىڭىزنى پەرقلەندۈرۈش كودى، ئاساسىي تاختا ئۇچۇرلىرى، BIOS ئۇچۇرلىرى، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۇچۇرلىرى، ئىچكى ساقلىغۇچ ئۇچۇرلىرى، قاتتىق دىسكا ئۇچۇرلىرى، رايون ئۇچۇرلىرى، تور كارتا ئۇچۇرلىرى، ئۆزەك قۇرۇلما تىپى، گرافىك كارتا ئۇچۇرلىرى ۋە سىرتقى ئەسۋاب ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرى

مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتال تىپى، نەشرى، قۇرۇلمىسى، ئاكتىپلاش ھالىتى، ئىجادىيەتچى ھالىتى، سىستېمىنىڭ ئاخىرقى يېڭىلاش ۋاقتى ۋە يېڭىلاش نەتىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرى

سىستېمىغا قاچىلىغان ھەر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىسمى، نەشرى، قاچىلاش ئورنى، دىسكا بوشلۇقى، پىروگرامما مايىللىق تەڭشىكى ئۇچۇرى( سىستېما ئۇسلۇبى، رەسىم تېمىسى، نۇربەلگە ئۇسلۇبى، خەت نۇسخىسى تەڭشەك ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قوللىنىشچان پىروگراممىنىڭ ئىقتىدار مودۇلىنىڭ چاستوتا ئۇچۇرى ۋە پىروگراممىنىڭ مەشغۇلات جەريانىدىكى ئىقتىدار ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇچۇرلىرى

ھەر كۈنى سىستېمىغا قانچە قېتىم كىرگەنلىكىڭىز، سىستېمىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى، سىستېمىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى، پروگراممىنى ئىشلەتكەندە كۇنۇپكىنى بېسىش ۋاقتى، كۇنۇپكا پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى، فوكۇس يۆتكىلىش ۋاقتى، مائۇس مەشغۇلات ۋاقتى، پروگراممىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى، پروگراممىدىن چېكىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

1. ئاساسىي تىجارەت ئىقتىدارلىرى

1.1. توڭشىن UOS نى ئاكتىپلاش

ئۈسكۈنىڭىزنى سېتىۋالغان رەسمىي نەشرىدىكى توڭشىن UOS بىلەن باغلاپ، ئۈسكۈنىڭىزنىڭ توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توڭشىن UOS نىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يامان غەرەزلىك دەخلى-تەرۇزدىن ساقلاش ئۈچۈن، بىز تور كىملىك ئۇچۇرلىرى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرىنى توپلايمىز. . توڭشىن UOS ئاكتىپلانغاندىن كېيىن ، ئۈسكۈنىڭىز ۋە سىستېما ئۇچۇرلىرىڭىزدا ئۆزگىرىش ياكى ئالماشتۇرۇلۇش دەرىجىسى، بىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىزدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى ياكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىمىز يامان غەرەزدە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ قارىشىمىزغا سەۋەب بولسا، ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئاكتىپلانغان توڭشىن UOS نى داۋاملىق ئىشلىتىلىشىنى توختىتىش ھوقۇقىمىز بار.

1.2 سىستېما يېڭىلاش

توڭشىن UOS نى يېڭىلىسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرۈپ، توغرا يېڭىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز.

2. كېڭەيتىلگەن تىجارەت ئىقتىدارلىرى

2.1 ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى

ئەگەر «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى قوزغاتسىڭىز، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ تەسىراتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرى ۋە ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇچۇرلىرىنى توپلىشىمىزغا قوشۇلغان بولىسىز. «ئىشلەتكۈچى تەسىرات پىروگراممىسى» نى تاقىۋەتسىڭىز، بۇ خىل ئۇچۇرلارنى توپلاشنى توختىتىمىز. ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى ئىشلەتكۈچى تەسىرات پروگراممىسى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، ئەمما بۇ باشقا UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2.2  توڭشىن ھېساباتى مۇلازىمىتى

توڭشىن UOS ئىشلەتكۈچى مەركىزى تور بېكىتى (account.uniontech.com) ئارقىلىق توڭشىن ھېسابات نومۇرىغا («UOS ID» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ ھەمدە بۇ ھېسابات ئارقىلىق توڭشىن UOS تەمىنلىگەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرگە كىرەلەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز UOS ID ھېسابات مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە ھېساباتىڭىزدا ساقلانغان ئۇچۇرلارنىمۇ توپلايمىز (بۇ ئۇچۇرلارنى شەخسىي ئۇچۇر دەپ قارايمىز). ھېساباتىڭىزنى ئىشلىتىشنىڭ كونكرېت قائىدىلىرىگە قارىتا، «توڭشىن ھېسابات ئىشلىتىش كېلىشىمى» ۋە توڭشىن يۇمشاق دېتالى بۇ مەقسەتتە تارقاتقان باشقا مەخسۇس قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىڭ.

2.2.1 توڭشىن ھېساباتى تىزىملىتىش

توڭشىن ھېساباتىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، شەخسىي يانفون نومۇرىڭىزنى تەمىنلەپ، UOS ID تىزىملىتىشىڭىز كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئەگەر يانفون نومۇرىڭىزنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى توڭشىن ھېساباتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز. سىز ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىپ، UOS ID نى ئىشلىتەلەيسىز، ئەمما يەنىلا شەخسىي يانفون نومۇرىڭىزنى باغلاپ، توڭشىن ھېساباتىنى تىزىملاشنى تاماملىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر سىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن باشقا رايونغا جايلاشقان بولسىڭىز (شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، UOS ID  تىزىملاشنى تاماملاش ئۈچۈن شەخسىي ئېلخەت ئادرېسىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك.

2.2.2 توڭشىن ھېساباتىغا كىرىش

توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە UOS كىملىكىگە كىرسىڭىز، ئىشەنچلىك ئۈسكۈنىلەر تىزىملىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئىسمى، ئۈسكۈنىنىڭ بىردىنبىر كىملىكى ۋە يەرلىك ھېسابات ئىسمى ئۇچۇرىنى توپلايمىز. بىخەتەرلىك، ئالدامچىلىقنى بايقاش ۋە ھېسابات باشقۇرۇش (گۇمانلىق كىرىش ياكى ھېساباتقا ئۇلىنىشىنىڭ يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش) ئۈچۈن، ھەر قېتىم ھېساباتىڭىزغا كىرگەندە IPئادرېسىڭىزنى توپلايمىز.

2.2.3 UOS Cloud ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى

ئوخشاش بىر UOS ID دە ساقلانغان ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن سىستېما سەپلىمە ئۇچۇرلىرى (سىستېما تىلى، سىستېما ئاۋازى، توك مەنبەسى، مائۇس، سىستېما ئۇسلۇبى، تام قەغىزى، قوزغاتقۇچ، ۋەزىپە بالدىقى، قىزىق رايون سەپلىمە ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرى ۋە تور كۆرۈش ئۇچۇرلىرىنى ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا ماسقەدەملەش ئۈچۈن، سىز توڭشىن UOS «كونترول مەركىزى» نىڭ UOS ID مودۇلى ئارقىلىق UOS ID گە كىرىپ «UOS Cloud Sync» نى ئېچىشقا ھوقۇق بەرسىڭىز بولىدۇ. UOS ID دە ساقلانغان كونكرېت ئۇچۇرلار ئۈچۈن، بىز ئېلان قىلغان كونكرېت سودا مۇلازىمەت بېتىدىكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلەرنى ۋە بىز بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئېلان قىلغان باشقا كېلىشىملەرنى كۆرۈڭ. ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى «UOS Cloud ماسقەدەملەش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، ئەمما بۇ باشقا UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2.2.4. ئالاقىداشلارنى ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى

«ئالاقىداش»] مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە، UOS ID گە كىرىپ، كۆپ ئۈسكۈنىلەر ئارا ئوخشاش UOS ID ئاستىدا ساقلانغان ئالاقىداشلار ئۇچۇرلىرىنى ماسقەدەملىيەلەيسىز. ماسقەدەملەش مەقسىتى ئۈچۈن مەزكۇر مۇلازىمەت سىزنىڭ ئالاقىداشلار ئۇچۇرىڭىزنى ئوقۇيدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى «ئالاقىداشلارنى ماسقەدەملەش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، ئەمما بۇ باشقا UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2.2.5. مۇلازىمەت ۋە مۇلازىمەت قوللاش

سىز «مۇلازىمەت ۋە قوللاش» مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ ئۇچۇر قالدۇرۇپ مەسلىھەت سورىغاندا ياكى توردىكى خېرىدارلار مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە، UOS ID گە كىرگەندىن كېيىن، ئېلېكترونلۇق خەت ئۇچۇرلىرىڭىز، ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى ۋە خىزمەت ۋەزىپە ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرى ۋە خاتىرە ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىڭىز ئاكتىپ يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى «مۇلازىمەت ۋە قوللاش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، ئەمما بۇ باشقا UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2.2.6 يىراقتىن ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى

«يىراقتىن ياردەم بېرىش» يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئۈسكۈنىڭىز مەنبەسىنى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئورتاقلاشقاندا، ياردەم بېرىش ۋە ئالاقە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تور كىملىك ئۇچۇرىڭىز، ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرىڭىز ۋە يىراقتىن ئۇلىنىشنى دەلىللەش ئۇچۇرلىرى (ھاسىل قىلىنغان تونۇش كودى، دەلىللەش كودى) ۋە بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش مەشغۇلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. (بۇ يىراقتىن ئۇلىنىشنى تەلەپ قىلىش، يىراقتىن ئۇلىنىشنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى «يىراقتىن ياردەم بېرىش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، ئەمما بۇ باشقا UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2.2.7 ئاچقۇچىلار ھالىتى

UOS ID گە كىرگەندىن كېيىن، «پروگرامما ئاچقۇچى» ھالىتىنى ئېچىپ، دۇكان ئىمزاسى قويۇلمىغان پروگراممىلارنى قاچىلاش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى باشقۇرغۇچى ئىجازىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ئۈسكۈنىڭىز ئۇچۇرلىرى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز. سىزگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەشغۇلات سىستېما پۈتۈنلۈكىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەستايىدىل ئويلىشىپ ئاندىن ئېچىڭ. ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى «ئاچقۇچى ھالىتى» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، ئەمما بۇ باشقا UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2.3 بېسىپ چىقىرىشنى باشقۇرغۇچ مۇلازىمىتى

ھۆججەتلەرنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن توڭشىن UOS غا ئالدىن قاچىلانغان «بېسىپ چىقىرىش باشقۇرغۇچى» نى ئىشلەتسىڭىز، باسما ئۈسكۈنىلىرىڭىزنىڭ مودېل ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز. ئەگەر سىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بىز سىزنى «بېسىپ چىقىرىشنى باشقۇرغۇچ» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز، ئەمما بۇ باشقا UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ نورمال تەمىنلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

2.4 ئۈستەليۈزى ئەقلىي ياردەمچى مۇلازىمىتى/خەنزۇچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى مۇلازىمىتى

«ئۈستەليۈزى ئەقلىي ياردەمچى» مۇلازىمىتى / «خەنزۇچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى» مۇلازىمىتى توڭشىن UOS غا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنى سىزگە بىز ئىجازەت بەرگەن ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ تەمىنلەيدۇ. «ئۈستەليۈزى ئەقلىي ياردەمچى» مۇلازىمىتىنى ياكى «خەنزۇچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى» مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ ئاۋاز ئارقىلىق تېكىست كىرگۈزگەندە بىز بىلەن ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ئاۋاز مەزمۇنىنى تېخنىكىلىق ئانالىز قىلىپ ئۇنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە بۇ ئاۋاز مەزمۇنىنى توپلايدۇ.

UOS ID گە كىرگەندىن كېيىن، كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرىنى باشقۇرۇپ، ئىشلەتكۈچى سۆز ئامبىرى، خاسلاشتۇرۇلغان ئىبارىلەر ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى سەپلىمە ئۇچۇرلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن يوللاپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى كۆپ ئۈسكۈنىلەر ئارا ماسقەدەملىيەلەيسىز.

بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىش ھەققىدىكى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتى [3- قىسىم] «شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق ئورتاقلىشىمىز، يۆتكەيمىز ۋە ئاشكارىلايمىز» دېگەن قىسىمىدىن كۆرۈڭ.

3. ئۈچىنچى تەرەپتىن كەلگەن شەخسىي ئۇچۇرلار

قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپتىن ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن:

3.1 ھوقۇق بېرىشكە قوشۇلغانلىقىڭىز ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بىز ئۈچىنچى تەرەپ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتىدىن ئېرىشكەن توردىكى ئىسمى، باش سۈرەت ، رايون ۋە جىنس قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن (مەسىلەن،: ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتى بىلەن كىرىپ UOS IDنى ئىشلەتكەندە) ؛

3.2. ئەگەر باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلار سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن؛

3.3.سىز ئېنىق رەت قىلغانلىرىدىن باشقا ئۆزىڭىز ئاشكارىلىغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياكى قانۇنلۇق ئاشكارىلانغان باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى مۇۋاپىق دائىرىدە توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ ئاشكارىلانغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز سىزنىڭ شەخسىي ھوقۇقىڭىزغا زور تەسىر كۆرسەتسە، بىز قايتا سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى سورايمىز.

4. يۈرۈشۈش ئانالىزى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى

قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىش شەرتى ئاستىدا، توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، توڭشىن UOS مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ئىشلەتكۈچى تەسىراتىڭىزنى ياخشىلىشمىز ئۈچۈن، سىز توڭشىن UOS مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدىكى تور كىملىك ئۇچۇرلىرى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرلىرى، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرى ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئىچكى تەكشۈرۈش، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز تەتقىقاتى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈچۈن ئىشلىتىمىز. يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى سىز تەمىنلىگەن شەخسىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمايمىز.

5. Cookie تۈرىدىكى تېخنىكىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى

كومپيۇتېرىڭىز ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىڭىزدە Cookie دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك تېكىست ھۆججەتلىرىنى ساقلايمىز. Cookie ئادەتتە پەرقلىگۈچ، تور بېكەت ئىسمى ۋە بەزى سان ۋە ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. Cookie لارنى بۇ سىياسەتتە دېيىلگەندىن باشقا مەقسەتتە ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بېرىمىز.

5.1 Cookie نى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىقتىدار ياكى مۇلازىمەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىمىز:

مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن

دەلىللەش ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش Cookie ياكى نامسىز پەرقلەندۈرگۈچ بەلگىلەپ، deepin ID ياكى باشقا مۇلازىمەت ھېساباتلىرىغا بىخەتەر كىرگەن-كىرمىگەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرۈش، خاككېرلارنىڭ ئوغرىلاپ ئىشلىتىشنى، ئالدامچىلىق ۋە باشقا قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز.

تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن

Cookie شەخسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش، ئىزدەش مەزمۇنىنى كىرگۈزۈش باسقۇچ ۋە جەريانلىرىنى قىسقارتىپ، ئۈنۈمىڭىزنى ئۆستۈرىدۇ.

5.2 Cookie باشقۇرۇش

كۆپىنچە توركۆرگۈچلەر ئىشلەتكۈچىلەرنى Cookie باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن، توركۆرگۈچنىڭ غەملەك سانلىق مەلۇماتلىرىنى تازىلاش. توركۆرگۈچ تەڭشەش ئىقتىدارىدا مۇناسىپ سانلىق مەلۇمات تازىلاش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارالايسىز. دىققەت، ئەگەر سانلىق مەلۇماتلارنى تازىلىسىڭىز، بىز تەمىنلىگەن Cookie غا تايىنىدىغان مۇلازىمەت ياكى مۇناسىپ ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

6. (ئىز قوغلىمىسۇن) Do Not Track

شەخسىي ئۈسكۈنىڭىزدە «توڭشىن تور كۆرگۈچ» ئارقىلىق تور بەتلىرىنى كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز، توربېكەتتىن تور كۆرۈش ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىماسلىق ياكى ئىز قوغلىماسلىقنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. سۈكۈتتىكى ھالەتتە بۇ ئىقتىدار ئېتىك بولىدۇ. «توڭشىن تور كۆرگۈچ» تىكى «تەڭشەك» - «مەخپىيەتلىك ۋە بىخەتەرلىك» ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

7. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يۇقىرىقى يوللاردىن باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسەك، سىزگە يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ، قايتا ماقۇللۇقىڭىزنى ئالىمىز.

8. شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن:

8.1 قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ياكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىمىزغا زۆرۈر بولغاندا؛

8.2. دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە باشقا دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛ ئاممىۋى بىخەتەرلىك، جامائەت ساغلاملىقى ۋە ئاممىنىڭ بىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسلىق جامائەت مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛

8.3 جىنايى ئىشلار بويىچە تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، سوتلاش ۋە ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛

8.4 سىزنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك، ئىناۋىتى ۋە باشقا ئاساسلىق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەمما مەزكۇر كىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش تەس بولغاندا؛

8.5 تەلىپىڭىزگە ئاساسەن توختام ئىمزالاش ۋە ئىجرا قىلىشقا زۆرۈر بولغاندا؛

8.6 توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەر ۋە مۇقىم مەشغۇلاتىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلگەندە، مەسىلەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتتىكى كاشىلىنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار؛

8.7 جامائەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خەۋەر دوكلاتى ۋە جامائەت پىكىرىنى نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە زۆرۈر بولغاندا؛

8.8 جامائەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىستاتىستىكا ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولغاندا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنى ياكى نەتىجىسىنى سىرتقا تەمىنلىگەندە، نەتىجىسىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارغا قارىتا پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ بىر تەرەپ قىلغاندا؛

8.9. قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

ئىككىنچى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلاش ئۇسۇلىمىز

1. شەخسىي ئۇچۇرلارنى ساقلاش ئورنى

بىز قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىمىز، ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى پەقەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىلا توپلىساق، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ساقلايمىز. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلاش ئورنى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىن چېگرا سىرتىغا يۆتكەلسە، بىز قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئېنىق رۇخسىتىڭىزنى سورايمىز.

2. شەخسىي ئۇچۇرلارنى ساقلاش مۇددىتى

2.1, بىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بايان قىلىنغان مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملار بەلگىلىگەن ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ساقلايمىز. ئەگەر ساقلاش مۇددىتى قانۇنلۇق چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش تېخنىكا جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولسا، ساقلاشنى توختىتىمىز ھەمدە زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىدىن سىرت بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز.

2.2. توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىدە تىجارەتتىن توختاش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى داۋاملىق توپلاشنى دەرھال توختىتىمىز، تىجارەتتىن توختاش ئۇقتۇرۇشىنى بىر-بىرلەپ يوللايمىز ياكى ئېلان شەكلىدە سىزگە ئۇقتۇرىمىز ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

ئۈچىنچى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى سىرتقا قانداق تەمىنلەيمىز، ئۆتۈنۈپ بېرىمىز ۋە ئاشكارىلايمىز

.1.سىرتقا تەمىنلەش

1.1. قانۇن-نىزام، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھۆججىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرى ياكى سىزنىڭ شەخسىي رۇخسىتىڭىز بولمىسا، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپكە تەمىنلىمەيمىز، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

1.1.1 شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانۇن-نىزاملار ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي تەلىپى بويىچە سىرتقى تەرەپلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىمىز مۇمكىن.

1.1.2 ھاۋالە قىلىپ تەرەپ قىلىش: تىجارەت ئىقتىدارىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز سىرتقى تەمىنلىگۈچىلەرگە سىزنى مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىمىزگە ياردەم قىلىشىنى ھاۋالە قىلىمىز. ھاۋالە قىلىنغان بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، شەخسىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغان ئۈچىنچى تەرەپ پەقەت بىزنىڭ كۆرسەتمىمىز بويىچە بىزگە ۋاكالىتەن سىزگە مۇلازىمەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىز ھاۋالە قىلىنغان دائىرىدە ئۇلارنىڭ ھاۋالە قىلنغان ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن سىزگە مەسئۇل بولىمىز.

1.2. سىز بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى باشقا مۇۋاپىق مەقسەتلەر ئۈچۈن، بىز ئۈچىنچى تەرەپ شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچىغا سىزنىڭ مەلۇم شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلىشىمىز مۇمكىن، شەخسىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغان ئۈچىنچى تەرەپ شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلغۇچى سىزگە ئۇقتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە شەخسىي ئۇچۇر تىپى دائىرىسىدە شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.تاپشۇرۇۋالغۇچى ئەسلى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى قايتا ئېلىشى كېرەك. نۆۋەتتە توڭشىن UOS دا سىزنى «ئۈستەليۈزى ئەقلىي ياردەمچىسى» ۋە «خەنزۇچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىز ئىجازەت بەرگەن ھەمكارلاشقۇچىلار تۆۋەندىكىدەك:

ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىسمى: ئەنخۇي تىڭجىيەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

مۇلازىمەت مەقسىتى: ئاۋاز ئالماشتۇرۇش، كىرگۈزۈش ئۇسۇلى باشقۇرۇش

توپلايدىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ تۈرلىرى: ئاۋازلىق مەزمۇن ئۇچۇرى، ئىشلەتكۈچى سۆز ئامبىرى، خاسلاشتۇرۇلغان ئىبارىلەر ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى سەپلىمە ئۇچۇرلىرى

مەخپىيەتلىك سىياسىتى ئۇلىنىشى: https://static.iflyrec.com/v1/iflyrectjpt/publicread01/privacyPolicy/xftj/productPrivacyPolicy.html
1.3 يۇمشاق دېتال ئېچىش قورال ساندۇقى

توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتال ئېچىش قورال ساندۇقىغا(Software Development Kit ، تۆۋەندە «SDK» دېيىلىدۇ) ئۇلىنىپ، ئۈچىنچى تەرەپنى مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىىشىمىز مۇمكىن. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن SDK نى زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشتە قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك نازارەت قىلىمىز. بىز ئۈچىنچى تەرەپ SDK لارنىڭ تىزىملىكىنى ئىمكانقەدەر يېڭىلايمىز، ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا، تىزىملىك يېڭىلىنىشى ئەمەلىي قوللىنىشتىن ئارقىدا قېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن چۈشىنىشىڭلارنى سورايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا ئۇچۇرلىرىمىز ۋە تېخنىكىلىق ۋاسىتىلىرىمىزنى مەخپىي تۇتۇش ئۈچۈن، سۇپا خېيىم-خەتىرىنى كونترول قىلىش ياكى ئالاھىدە ھەمكارلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم SDK لار بۇ تىزىملىكتە بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل SDK لار سىزنىڭ مۇھىم شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ياكى ئۈسكۈنىلىرىڭىزنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىشىڭىزگە توغرا كەلگەندە، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالىمىز.

تۆۋەندىكىسى بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۈچىنچى تەرەپ SDK لارنىڭ تىزىملىكى:

شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ئۈچىنچى تەرەپ SDK لار نەشرىنىڭ يېڭىلىنىشى ، سىياسەت تەڭشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ، ئۇلارنىڭ ئېلان قىلىنغان رەسمىي چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈڭ.

SDK ئىسمى: T-Sec 天御 تېكىست مەزمۇنىنىڭ بىخەتەرلىكى SDK

ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىسمى: شېنجېن شەھىرى تېڭشۈن كومپيۇتېر سىستېمىسى چەكلىك شىركىتى

مۇلازىمەت تىپى: تېكىست مەزمۇنىنىڭ بىخەتەرلىكى

توپلانغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ تۈرى: ئىشلەتكۈچى كىرگۈزگەن تېكىست مەزمۇنى (ئىشلەتكۈچىنىڭ توردىكى ئىسمى، شەخسىي ئارخىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

مەخپىيەتلىك سىياسىتى ئۇلىنىشى: https://cloud.tencent.com/document/product/301/11470

SDK ئىسمى: SendCloud ئېلخەت ئۇقتۇرۇشى SDK

ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىسمى: ۋۇخەن شەندا تېخنىكا چەكلىك شىركىتى. 

مۇلازىمەت تىپى: ئېلخەت ئۇقتۇرۇشى

توپلانغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ تۈرى: ئېلخەت ئادرېسى

مەخپىيەتلىك سىياسىتى ئۇلىنىشى: https://www.sendcloud.net/#/friendlyLink?tab=protocal

SDK ئىسمى: لىيەنلۇ ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى SDK

ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىسمى: شاڭخەي ليەنلۇ ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى

مۇلازىمەت تىپى: ئۇقتۇرۇش قىسقا ئۇچۇرى

توپلانغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ تۈرى: تېلېفون نومۇرى

مەخپىيەتلىك سىياسىتى ئۇلىنىشى: http://sms.shlianlu.com/reg.aspx

1.4.سىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى بېتىگە ئاتلاپ كىرىش قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپنى زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، مۇناسىپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى سىز بىلەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىش بىۋاسىتە كېلىشىمى ھاسىل قىلىدۇ. مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەر بىۋاسىتە توپلىغان بۇنداق شەخسىي ئۇچۇرلار بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلار دائىرىسىدە ئەمەس. مۇلازىمەتنى ئۈچىنچى تەرەپ بىۋاسىتە تەمىنلەيدىغان بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بىز كونكرېت مۇلازىمەت بېتىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئۇچۇرلىرىغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىمىز. مۈجمەللىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىز شۇنى بىلىشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپ باشقۇرىدىغان تور بېكەت، قوللىنىشچان پىروگرامما، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇلىنىشى پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلەرنى كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن. بۇنداق ئۈچىنچى تەرەپ توربېكەتلىرى، قوللىنىشچان پىروگراممىلار، مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەت ئۇلانمىلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇلار تەمىنلىگەن مەخپىيەتلىك سىياسىتى ياكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش شەرتلىرىگە ئايرىم قوشۇلۇشىڭىز كېرەك. بىز ۋە بۇ ئۈچىنچى تەرەپ توربېكەتلىرى، قوللىنىشچان پىروگراممىلار، مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋە ئىككى تەرەپ كېلىشكەن دائىرىدە مۇستەقىل ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.

2. ئۆتۈنۈپ بېرىش

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ھېچقانداق شىركەت، تەشكىلات ياكى شەخسكە ئۆتۈنۈپ بەرمەيمىز:

2.1 ماقۇللۇقنى ئالدىن ئالغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆتۈنۈپ بېرىش: شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن سىزنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىڭىزنى ئالدىن ئالغاندىن كېيىن باشقا تەرەپلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىمىز؛

2.2. قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش ياكى ۋەيران بولۇپ ھېساب قىلىشقا چېتىشلىق بولغاندا، ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چېتىشلىق بولسا، بىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلايدىغان يېڭى شىركەت ياكى تەشكىلاتنىڭ بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىگە بىلەن داۋاملىق ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بولمىسا بىز بۇ شىركەت ياكى تەشكىلاتنىڭ سىزدىن قايتا ئىجازەت سورىشىنى تەلەپ قىلىمىز. 

3. ئاشكارىلاش

بىز پەقەت تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا ھەمدە كەسىپ ئۆلچىمىدىكى بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغان شەرت ئاستىدا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلايمىز:

3.1 ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن، سىز ئېنىق ماقۇللىغان ئاشكارىلاش ئۇسۇلىدا سىز بەلگىلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئاشكارىلىنىدۇ؛

3.2. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى چوقۇم قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپى، مەجبۇرىي مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ياكى ئەدلىيە تەلىپىگە ئاساسەن تەمىنلىنىشى كېرەك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تەلەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇر تىپلىرى ۋە ئاشكارىلاش ئۇسۇللىرى ئاساسىدا ئاشكارىلىشىمىز مۇمكىن. قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، بىز چاقىرىق قەغىزى ياكى تەكشۈرۈش خېتى قاتارلىق مۇناسىپ قانۇنىي ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىزدىن تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلار قانۇن يول قويغان دائىرىدە ئىمكانقەدەر ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەك بىز بارلىق ئىلتىماسلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ئاساسى بارلىقىغا ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت تەكشۈرۈش مەقسىتىدە توپلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. قانۇن-نىزاملار رۇخسەت قىلغان ئاساستا بىز ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەر مەخپىيلەشتۈرۈش ئاچقۇچلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

تۆتىنچى، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق قوغدايمىز

1. توڭشىن يۇمشاق دېتالى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى رۇخسەتسىز زىيارەت قىلىش، ئىشلىتىش ياكى ئاشكارىلاشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، ساھە ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان ھەر خىل بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ۋە قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.مەزكۇر تور بېكەت دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىخەتەرلىك سىستېمىسى بەرپا قىلغان، ھەمدە ئالدىنقى قاتاردىكى ۋە ئاساسىي ئېقىمدىكى بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىنىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەزكۇر تور بېكەت مۇكەممەل بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسى ھاسىل قىلغان بولۇپ، تور بېكەت سىرتقى تورنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ياكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا، ھۇجۇمغا قارىتا ئاكتىپلىق بىلەن دەرھال توسۇش ئېلىپ بارىدۇ.توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتى تور ئالاقىسى جەريانىدا HTTPS مەخپىيلەشتۈرۈش كېلىشىمىنى قوللانغان بولۇپ، تور ئالاقىسى جەريانىدا ئۇچۇرلارنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ تەرىپىدىن ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.  ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكى ۋە سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلىرى، توڭشىن UOS مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىدە مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ھالەتتە ساقلىنىدۇ، سانلىق مەلۇماتلار دەل ۋاقتىدا زاپاسلىنىدۇ.

.2.توڭشىن يۇمشاق دېتالى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قاتلاملىق تۈرگە ئايرىش، مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلاش ۋە سانلىق مەلۇماتنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقىنى دەرىجىگە بۆلۈش قاتارلىق ساغلام سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. بۇ تور بېكەت ئىچكى سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مەشغۇلات تەرتىپلىرى بېكىتكەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش، ئىشلىتىش ۋە يوقىتىشتا قاتتىق جەريان تەلەپلىرى قويىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بېكىتكەن؛ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، ئىشلىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئورناتقان؛ خىزمەتچىلەر ۋە ۋاكالەتچىلەرنىڭ ھوقۇق چېكىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ ۋە تۈركۈملەپ چىقىرىش، كۆپەيتىش، ئۇچۇرلارنى يوقىتىش جەريانىغا تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئېلىپ بارغان ۋە ئاشكارىلىنىپ كېتىشكە قارشى تەدبىرلەرنى قوللانغان؛ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەيدىغان قەغەز ماتېرىيال، ئوپتىكىلىق ماتېرىيال، ئېلېكتىر ماگنىتلىق ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ياخشى ساقلاپ ۋە باشقۇرۇپ، مۇناسىپ بىخەتەر ساقلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان؛ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساقلايدىغان ئۇچۇر سىستېمىسىغا قارىتا ئۇلىنىش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ھۇجۇم ۋە ۋىرۇستىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان؛ ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىغا مەشغۇلات ئېلىپ بارغان خادىملار، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىت، ئورۇن، مەشغۇلات تۈرى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەيدۇ؛ قەرەللىك بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىكنى قوغداش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

3. قانۇن- نىزام ۋە مەسئۇل ئورگانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىز ئالاھىدە شەخسىي ئۇچۇر قوغداش تارمىقى قۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل ئادەم بېكىتىمىز، ھەمدە شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش پائالىيىتى ۋە قوللانغان قوغداش تەدبىرلىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىمىز، بىخەتەرلىك خەۋپى، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش باھالاش دوكلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنىنى قەرەللىك يېڭىلاپ ئاشكارىلاپ تۇرىمىز. شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش تارمىقى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل كىشىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن  بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ [7-قىسىم] نى كۆرۈڭ.

4. نۆۋەتتە بىز دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىك سەۋىيىسىنى قوغداش (ئۈچىنچى دەرىجىلىك) باھالاش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇشىنى تاماملىدۇق، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى جەھەتتە ISO27001 خەلقئارالىق نوپۇزلۇق گۇۋاھنامە ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە يەتتۇق ۋە مۇناسىپ گۇۋاھنامە ئالدۇق. لېكىن بىز سىزگە شۇنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەككى، ئىنتېرنېت تور مۇھىتى يۈز پىرسەنت بىخەتەر مۇھىت ئەمەس، بىز سىز يوللىغان بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كېپىللىك ياكى كاپالەتلىك قىلىمىز. ئەگەر بىزنىڭ ماددىي، تېخنىكىلىق ياكى باشقۇرۇش قوغداش ئەسلىھەلىرىمىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇچۇرلارنىڭ رۇخسەتسىز زىيارەت قىلىنىشى، ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ئۆزگەرتىلىشى ياكى بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىز ۋە مەنپەئەتىڭىزگە زىيان يەتكۈزسە، بىز مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز.

5. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرسە، بىز قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىخەتەرلىك ۋەقەسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرلەرنى، بىزنىڭ ئاللىقاچان قوللانغان ياكى قوللانماقچى بولغان بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىمىزنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىمىزنى، سىزگە ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى تور بېكەت ئىچكى خەت ياكى سىز قالدۇرغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزگە ئۇقتۇرىمىز. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئىگىسىنى بىرمۇبىر خەۋەرلەندۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندا، بىز مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئاكتىپ دوكلات قىلىمىز.

6. ئەگەر بىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلارنى قوغدىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىڭىز بولسا، مەزكۇر سىياسەتنىڭ [7-قىسىم] دىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بىزنىڭ ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز ئۈچۈن بۇ سىياسەتتە كۆرسىتىلگەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىز بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىڭ.

بەشىنچى، ھوقۇقىڭىز

ھەر قايسى جايلارنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرى، قائىدە-تۈزۈملىرى، ئۆلچىمى ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى ئورتاق ئادەتلەرگە ئاساسەن، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، مۇۋاپىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا قارىتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىمىز:

1. ئەگەر توڭشىن ھېسابىڭىزدىكى شەخسىي ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تەكشۈرمەكچى، كۆچۈرمەكچى، تۈزەتمەكچى بولسىڭىز ياكى شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، توڭشىن ھېسابىنى تىزىملىتىش تور بېتىدە (account.uniontech.com) UOS ID ھېسابىڭىزغا كىرىپ، «ئىشلەتكۈچى مەركىزى» ئارقىلىق مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.

2. ئەگەر ئالاقىداشلار ئۇچۇرىنى كۆرمەكچى، كۆپەيتمەكچى، تۈزەتمەكچى ياكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشكە ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، «ئالاقىلاشقۇچى» دىكى UOS ID​ھېساباتىڭىزغا كىرگەندىن كېيىن بۇ خىل مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.

3. ئەگەر تور كۆرۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆرمەكچى، كۆپەيتمەكچى، تۈزەتمەكچى ياكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىشكە ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، «توڭشىن تور كۆرگۈچ» دىكى «خاسلاشتۇرۇش ۋە كونترول قىلىش» تىن بۇ خىل مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.

4. ئەگەر ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرمەكچى ۋە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، «ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچى» دا بۇ خىل مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.

5. مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرمەكچى ۋە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، «كونترول مەركىزى» دە بۇ خىل مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.

6. بۇ سىياسەتتە ئېلان قىلىنغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىزگە يازما تەلەپ ئەۋەتىپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىڭىز بار. دۆلەت تور ئۇچۇرى تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىگەن شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھەم تېخنىكىلىق مۇمكىنچىلىكى بار بولغان ئەھۋالدا، مەسىلەن مەلۇمات ئېغىزىنى ماسلاشتۇرۇش دېگەندەك، بىز تەلىپىڭىز ۋە ھازىرقى ئورتاق ئىشىلتىلىۋاتقان تېخنىكا ئاساسىدا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى سىز بەلگىلىگەن ئۈچىنچى تەرەپكە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرەلەيمىز. ئەگەر بۇ ئۈچىنچى تەرەپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن يەتكۈزۈش مەغلۇپ بولسا، سىز بۇ ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ماسلىشىپ ھەل قىلىشىڭىز كېرەك، بىز بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز.

7. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇر ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزەلمىسىڭىز ياكى مەلۇم ئالاھىدە ئۇچۇرلارنىڭ شەخسىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مەشغۇلاتىنى ئۆزىڭىز قىلالمىسىڭىز، مەزكۇر كۆرسەتمە ئارقىلىق ياكى ئالاقىدار مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. 15 كۈن ئىچىدە تەلىپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز. ھېساباتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، كىملىكىڭىزنى دەلىللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشىمىز مۇمكىن.

8. سىز تاپشۇرغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ھەقىقىيلىقى، دەل ۋاقىتلىقى، تولۇقلۇقى ۋە توغرىلىقىنى دەلىللەشكە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا سىز بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سىزگە قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىيەلمەيمىز. ئەگەر سىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ خاتالىقى، تولۇق ئەمەسلىكى ياكى ھەقىقىيلىقىدىن گۇمانلىنىشقا مۇۋاپىق ئاساسىمىز بولسا، بىزنىڭ سىزدىن سۈرۈشتە قىلىش ياكى سىزگە تۈزىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش، ھەتتا سىزگە قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقۇقىمىز بار.

9. ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالغىنىڭىزدا ياكى شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرگەندە، بىز شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلمايمىز، بىز يەنە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى بىزدىن ئورتاقلىشىپ ئېرىشكەن ئۈچىنچى تەرەپ (بۇ توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىغا باغلىنىشلىق شىركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇمكىنقەدەر بىرلا ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەزكۇر ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز، قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەن ياكى مەزكۇر ئۈچىنچى تەرەپلەر سىزنىڭ مۇستەقىل ئىجازىتىڭىزگە ئاللىقاچان ئېرىشكەن ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. ئەمما سىزنىڭ ماقۇللۇقنى قايتۇرۇۋېلىش قارارىڭىز، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ماقۇللۇقىڭىزغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەگەر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ساقلاش مۇددىتى توشمىغان بولسا ياكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولسا، بىز ساقلاش ۋە زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتىن باشقا بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىمىز.

10. پىرىنسىپ جەھەتتە، سىزنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىڭىز ئۈچۈن ھەق ئالمايمىز، ئەمما مۇۋاپىق چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قايتا-قايتا تەلەپلەر ئۈچۈن ئەھۋالغا قاراپ مەلۇم مىقداردىكى چىقىم ھەققى ئالىمىز. نامۇۋاپىق تەكرارلانغان، بەك كۆپ تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى تەلەپ قىلىدىغان (مەسىلەن يېڭى سىستېما ئېچىش ياكى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قائىدىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش دېگەندەك)، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان ياكى ئەمەلىيەتكە قەتئىي ماس كەلمەيدىغان (مەسىلەن ماگنىتلىق لېنتىدا ساقلانغان ئۇچۇرلارغا چېتىشلىق دېگەندەك) تەلەپلەرنى بىز رەت قىلىشىمىز مۇمكىن.

11. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تەلىپىڭىزگە ئىنكاس قايتۇرالمايمىز:

11.1 قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛

11.2 دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛ ئاممىۋى بىخەتەرلىك، جامائەت ساغلاملىقى ۋە مۇھىم جامائەت مەنپەئەتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛

11.3 جىنايى ئىشلار بويىچە تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، سوتلاش ۋە ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغاندا؛

11.4 سىزنىڭ سۇبيېكتىپ يامان غەرەزدە ياكى ھوقۇقىڭىزدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك پاكىت بار بولغاندا؛

11.5 تەلىپىڭىزگە ئىنكاس قايتۇرۇش سىز ياكى باشقا شەخس ياكى تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا؛

11.6 سودا مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق بولسا؛

11.7 سىزنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك، ئىناۋىتى ۋە باشقا مۇھىم قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەمما سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئېلىش تەس بولغاندا؛

11.8 مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللاردا؛

ئالتىنچى، بۇ مەخپىيەتلىك سىياسىتى قانداق يېڭىلىنىدۇ

1. مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ئېنىق رۇخسىتىڭىز بولماي تۇرۇپ مەخپىيەتلىك سىياسىتىدە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىڭىزنى ئازايتمايمىز. مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ يېڭىلانغان نەشرىنى ئېلان قىلىمىز.

2. زور ئۆزگىرىشلەر بولغاندا بىز تېخىمۇ ئېنىق ئۇقتۇرۇشلارنى ئېلان قىلىمىز (بەزى مۇلازىمەتلەردە ئۆزگىرىش بولغاندا ئېلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىدىكى كونكرېت مەزمۇن ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشەندۈرىمىز) ۋە قايتا سىزنىڭ ئېنىق رۇخسىتىڭىزنى سورايمىز.

3. مەخپىيەتلىك سىياسىتىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ:

3.1. مەھسۇلاتلىرىمىز ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىمىزدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر. مەسىلەن، شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەقسەت، بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ تۈرى، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار؛ 

3.2. ئىگىدارلىق ھوقۇقىمىز ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىمىزدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر. مەسىلەن، كەسىپنى تەڭشەش، ۋەيران بولۇش ۋە قوشۇۋېلىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار؛

3.3 ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئاشكارىلاشنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتىدىكى ئۆزگىرىشلەر؛

3.4 شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقىڭىز ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغاندا؛

3.5 شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بۆلۈمىمىزدە، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە شىكايەت قىلىش يوللىرىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ؛

3.6. شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىدا خەۋپ-خەتەرنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەندە.

4. تەكشۈرۈپ كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن بىز يەنە بۇ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ كونا نەشرىنىمۇ ئارخىپىتا ساقلايمىز.

يەتتىنچى، بىز بىلەن ئالاقىلىشىش

1. بىز توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار ۋە ئىچكى سىياسەتلەرگە رىئايە قىلىشى ۋە ئىجرا قىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بۆلۈمى مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدۇق.

2. ئەگەر بۇ شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتى توغرىسىدا سوئال، باھا ياكى تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بىز 15 كۈن ئىچىدە ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردا رۇخسەت قىلىنغان تېخىمۇ ئۇزۇن قەرەل ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمىز.

شىركەت ئىسمى: [توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى]

شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش بۆلۈمى/شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مەسئۇل خادىم: «قانۇنىي ئىشلار بۆلۈمى»
ئادرېسى：【 بېيجىڭ شەھىرى بېيجىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كېگۇ 1-كوچىسى 10-نومۇر 12-بىنا 18-قەۋەت】

تېلېفون: 【010-62669253】

ئېلخەت: [privacy@uniontech.com]

سەككىزىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىش ياكى ئەرز قىلىش ۋە قانۇننى تەدبىقلاش

1. ئەگەر بىزنىڭ ئىنكاسىمىزدىن نارازى بولسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتىمىز سىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىز ۋە مەنپەئەتىڭىزگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىسىڭىز ۋە مەسلىھەتلىشىپ بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىساق، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەتچىلىك ئورگىنىغا ئەرز قىلىش ھوقۇقىڭىز بار ياكى ھەر قانداق بىر تەرەپ [بېيجىڭ داشىڭ رايونى] خەلق سوت مەھكىمىسىكە ئەرز سۇنسا بولىدۇ

2.مەزكۇر مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىجرا قىلىنىشى، ئىزاھلىنىشى ۋە ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىنىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شياڭگاڭ ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قانۇنىغا ماس كېلىدۇ، زىددىيەتلىك قائىدىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.