توڭشىن ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى كەسپىي نەشرىنىڭ ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ئىجازەت كېلىشىمى

ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلانغان ۋاقىت: [2021] يىل [11] ئاي [11] كۈن

    توڭشىن ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى يۇمشاق دېتالىنىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن (تۆۋەندە «مەزكۇر يۇمشاق دېتال» ياكى « سىستېمىسىUOS »دەپ ئېلىنىدۇ) مەزكۇر توڭشىن ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى كەسپىي نەشرى ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ئىجازەت كېلىشىمى(تۆۋەندە «كېلىشىم» دەپ ئېلىنىدۇ) دە بەلگىلەنگەن بارلىق ھوقۇق ۋە چەكلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ. مەزكۇر كېلىشىم توڭشىن يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى» ياكى «بىز» دەپ ئېلىنىدۇ) ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى بىلەن سىز (تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات) ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي كېلىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغاندا، كۆچۈرسىڭىز ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەتسىڭىز، بۇ سىزنىڭ مەزكۇر كېلىشىمگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى مەزكۇر كېلىشىمنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى، ھەمدە بۇ كېلىشىمنى ئوقۇغانلىقىڭىزنى ۋە چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخس بولسىڭىز، مەزكۇر دېتالنى ئورناتسىڭىز، كۆچۈرسىڭىز ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەتسىڭىز، سىزنىڭ بۇ ئورۇنغا ۋاكالىتەن بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بۇ كېلىشىمدىكى ھەر قانداق شەرتكە قوشۇلمىسىڭىز، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قاچىلىماڭ، چۈشۈرمەڭ ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا ئىشلەتمەڭ. مەزكۇر كېلىشىم توڭشىن يۇمشاق دېتالى تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئاسراش، يېڭىلاش، نەشر يۇقىرىلىتىش ۋە قوللاش مۇلازىمىتىگىمۇ(ئەگەر بۇ مۇلازىمەتلەر باشقا شەرتلەرنى قوشۇمچە قىلمىغان بولسا) ماس كېلىدۇ.
ئەگەر يېڭى كېلىشىم بۇ نۇسخىدىكى كېلىشىمنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلمىسا، بۇ كېلىشىم بەلگىلىمىلىرى ھەرقانداق توڭشىن ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى كەشپىي نەشرى يۇمشاق دېتالغا قوللىنىلىدۇ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئورنىنى ئېلىش ياكى ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى تەمىنلىگەن ئەسلى ۋە باشقا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى نەشرىنى يېڭىلاش ( بار بولسا) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تاپشۇرۇلۇش ئۇسۇلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ خىل دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى نەشرىنى يېڭىلاشنىڭ باشقا ئىجازەت كېلىشىمى قوشۇمچە قىلىنمىغان بولسا، ئۇلار بۇ كېلىشىمگە بويسۇنىدۇ.
گەرچە بۇ كېلىشىمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بار بولسىمۇ،، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ خالىغان بىرى بويىچە يۇمشاق دېتالنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش، كۆپەيتىش ئۆزگەرتىش، قايتا نەشر قىلىش. ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىز يوقلۇقىنى بىلىشىڭىز ۋە ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەك:
(1)توڭشىن يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق  بىۋاسىتە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ؛
(2) توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ھوقۇق بەرگەن تارقاتقۇچىلاردىن بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش؛
(3) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئۈچىنچى تەرەپتىن بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەندە، سىز يەنە سىزنى بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن  توڭشىن يۇمشاق دېتالى بىلەن ئىمزالانغان باشقا كېلىشىملەرگە (ئەگەر بار بولسا)  ياكى سىزنىڭ بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ھوقۇقىڭىز بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى تارقاتقان ھوقۇق ھۆججىتىدىكى بارلىق ماددا ۋە شەرتلەرگە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ يۇمشاق دېتالنى پەقەت مەزكۇر كېلىشىمدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ئىشلىتىشى كېرەك. مەزكۇر يۇمشاق دېتالدىكى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى تەمىنلىگەن ۋە قوشۇمچە قىلغان نەشر ھوقۇقى باياناتىنىڭ ئەسلى كودى، نىشان كودى ۋە ئۇلاردىن ھاسىل بولغان بارلىق زاپچاسلاردىكى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ياراتقان مەزمۇنلار، ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى نەشرىدىن پەرقلىق ئۆزگەرتكەن مەزمۇنلار ۋە شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توڭشىن دېتاللىرىغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتىدە، ئىشلىتىش دېگىنىمىز يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش، قاچىلاش، كۆپەيتىش، قايتا نەشر قىلىش ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

.1ئىجازەتنامە تۆۋەندىكى ماددىلارنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا، توڭشىن يۇمشاق دېتالى مەزكۇر كېلىشىم، « GNU ئادەتتىكى ئۇنىۋېرسال ئىجازەت كېلىشىمى» (2-نەشرى) بويىچە سىزگە بۇ يۇمشاق دېتال ئۈچۈن مەڭگۈلۈك، دۇنيا مىقياسىدا مۇستەقىل ئىگەللەنمەيدىغان،ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغان ئىجازەت بېرىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ پەقەت بىرلا (1) نۇسخىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر (1) كومپيۇتېرغا قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر باشقا كېلىشىملەردە توڭشىن يۇمشاق دېتالى سىزگە ئىجازەت بەرگەن يۇمشاق دېتالنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى توغرىسىدا باشقىچە بەلگىلىمە بولسا، ئۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭ.
مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئۈچىنچى تەرەپ ئاچقۇچىلار مۇناسىپ ئوچۇق كود كېلىشىمىگە ئاساسەن تۈزگەن يۇمشاق دېتال زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ھەر بىر يۇمشاق دېتال زاپچاسلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسى يۇمشاق دېتال زاپچاسلىرىنىڭ ئەسلى كودىغا جايلاشقان بولىدۇ. سىز بۇ يۇمشاق دېتال زاپچاسلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئوچۇق كود يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك. مەزكۇر كېلىشىم پەقەت يۇمشاق دېتالغىلا ماس كېلىدۇ، ھەمدە ھەرقانداق كونكرېت يۇمشاق دېتال زاپچاسلىرىنىڭ ئىجازەت شەرتنامىسىدىكى ھوقۇقىڭىزنى چەكلىمەيدۇ ياكى ئۆزگەرتمەيدۇ.
.2بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى. توڭشىن يۇمشاق دېتالىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا تەۋە بۆلەك نەشر ھوقۇقى قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
(1) بۇ يۇمشاق دېتالدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بەلگىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ بارلىق كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىغا ھازىرقى ئ‍ىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە ئۇلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ توڭشىن يۇمشاق دېتالى ۋە ياكى باشقا ئىجازەت بېرىلگۈچىلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك.
(2) مەزكۇر يۇمشاق دېتال ( مەزكۇر يۇمشاق دېتالدىكى ھەرقانداق سۈرەت، رەسىم، كارتون، سىن، ئۈن، مۇزىكا، تېكىست ياكى قوشۇمچە پىروگرامما، رەڭ، كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى، بەت رامكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ)، قوشۇمچە قىلىنغان تېكىست باسما ماتېرىياللىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى ۋە باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىغا مەنسۇپ (ئۈچىنچى بىر تەرەپكە مەنسۇپ ماركا ۋە ئۈچىنچى بىر تەرەپكە مەنسۇپ باشقا ھوقۇقدىن باشقا) ياكى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ھوقۇقى بار.
(3) مەزكۇر يۇمشاق دېتال ۋە تېكىست باسما ماتېرىياللارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بار ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نەشر ھوقۇقى قانۇنى، ماركا قانۇنى، پاتېنت قانۇنى، توغرا بولمىغان رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە خەلقئارا نىزامنامىلەرنىڭ قوغدىشىغا ئۇچرايدۇ.
(4) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى باياناتىنى بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ ؛ ھەمدە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى باياناتىنى(تولۇق ياكى قىسمەن) كۆپەيتىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ.
(5) سىز بۇ يۇمشاق دېتال ۋە ھۆججەت باسما ماتېرىياللارنى ھەر قانداق شەكىلدە قانۇنسىز كۆپەيتىشنى توسۇشقا قوشۇلىسىز.
(6) بۇ يۇمشاق دېتالغا قوشۇمچە قىلىنغان ھۆججەت ۋە باسما ماتېرىياللارنى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ.
.3قايتا نەشر قىلىش.  توڭشىن يۇمشاق دېتالى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى «统信»، «统信UOS» ۋە «UOS» سودا ماركىسى ۋە بەلگىسىنىڭ قانۇنلۇق ماركا ھوقۇقىغا ئىگە. مەزكۇر كېلىشىم سىزنىڭ توڭشىن يۇمشاق دېتالىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتسىز ئىشلىتىشىڭىزگە يول قويمايدۇ، بۇ بۇ يۇمشاق دېتال ياكى زاپچاس ئۆزگەرتىلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر توڭشىن يۇمشاق دېتالىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ بۇ يۇمشاق دېتال ياكى باشقا زاپچاسلارنى قايتا نەشر قىلىش (يۇمشاق دېتال سېتىش، ئالدىن قاچىلاش، باغلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ) قاتارلىقلارنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىلا قايتا نەشر قىلىشقا بولىدۇ:
(1) توڭشىن يۇمشاق دېتالى بىلەن تۈزۈلگەن يازما كېلىشىم بۇ خىل سودا خاراكتېرلىك قايتا نەشر قىلىشقا يول قويغاندا ؛
(2) سىز يۇقىرىدىكى 2-ماددىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بەلگىسى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى باياناتىنى ساقلاپ قالغاندا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە توڭشىن يۇمشاق دېتالىنىڭ بارلىق ماركا ۋە بەلگىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىز ۋە ئالماشتۇرىۋېتىشىڭىز كېرەك. بۇ يۇمشاق دېتالغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندە  پىروگرامما بۇزۇلۇپ كېتىشى ۋە نورمال خىزمەت قىلالماسلىق مۇمكىنچىلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشىڭىز كېرەك.
.4ئىشلىتىش شەرتلىرى
قانۇن-نىزاملارغا ۋە مەزكۇر كېلىشىمىگە بويسۇنغان ئاساستا مەزكۇر پىروگراممىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمىگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ:
(1) بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ماس كەلمەيدىغان، ياكى نامۇۋاپىق، ھاقارەتلەيدىغان، شەھۋانىي، زوراۋان ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش ۋە ساقلاش.
(2) بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىك ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش، ساقلاش؛
(3) بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ ئېلان ئۇچۇرلىرى ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى كۆپ مىقداردا توپ ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش؛،
(4) ئىشتىن بۇرۇن شۇ تەرەپنىڭ تولۇق ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ،بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا ( نەشر ھوقۇقى، ماركا ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى، مەخپىيەتلىك ھوقۇقى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخس ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ) دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان سۈرەت، رەسىم، يۇمشاق دېتال ۋە باشقا ماتېرىياللار بار ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىش، يوللاش، تارقىتىش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن يوللاش؛ 
(5)تور بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق  قىلمىش، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ: رۇخسەتسىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىش ياكى رۇخسەتسىز مۇلازىمېتىر ياكى ھېساباتقا كىرىش؛ ئاممىۋى تورغا ياكى باشقىلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا رۇخسەتسىز كىرىش ۋە ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش ياكى قوشۇش؛ ئىجازەتسىز تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، سىكانېرلاش، يۇمشاق دېتال سىستېمىسى ياكى تورنىڭ ئاجىزلىقىنى سىناش ياكى تور بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى قىلىش؛ يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنىڭ نورمال مەشغۇلاتىغا دەخلى قىلىش ياكى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش، يامان غەرەزلىك پىروگراممىلار ياكى ۋىرۇسلارنى قەستەن تارقىتىش ۋە نورمال تور ئ‍ۇچۇر مۇلازىمىتىگە دەخلى قىلىدىغان قىلمىشلار، ؛ TCP / IP سانلىق مەلۇمات بوغچىسى ئىسمى ياكى ئىسىمنىڭ بىر قىسمىنى يالغاندىن ياساش؛
(6) توڭشىن يۇمشاق دېتالى تەمىنلىگەن بۇ يۇمشاق دېتال ۋە باشقا مۇلازىمەتلەرنى قانۇنسىز ئۇسۇلدا، قانۇنسىز مەقسەتتە ياكى مەزكۇر كېلىشىمگە ماس كەلمەيدىغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىش.
ئەگەر يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئۆز ئالدىغا مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇش، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن توختىتىش، چەكلەش ھوقۇقىغا ئىگە  ۋە يۇقىرىقى قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
.5سېتىشتىن كېيىنكى كاپالەت ۋە جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش. نورمال ئىشلىتىش شارائىتىدا، سىزگە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئوتتۇز (30) كۈن ئىچىدە، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ يۇمشاق دېتال ۋە بارلىق زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتىچى ماددىنىڭ ماتېرىيال ۋە لايىھە كەمتۈكلۈكىدىن خالىي بولىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ. ئەگەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق كەمتۈكلۈك بارلىقى ئىسپاتلانسا، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تولۇق مەسئۇلىيىتى يۇمشاق دېتال ئېلىپ يۈرگۈچى جىسىمنى ئالماشتۇرۇش ياكى يۇمشاق دېتالنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆلىگەن پۇلنى سىزگە تۆلەم سۈپىتىدە قايتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز چوقۇم بارلىق يۇمشاق دېتال ۋە زاپچاسنىڭ ۋاسىتىچى ماددىسىنى ئەسلى ئورالمىدا قايتۇرۇشىڭىز كېرەك. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى سەۋەبىدىن بولمىغان ھادىسە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىشى ياكى خاتا قوللىنىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئېلىپ يۈرگۈچى جىسىمدە كۆرۈلگەن كەمتۈكلىككە سېتىشتىن كېيىنكى كاپالەت قوللىنىلمايدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، مەزكۇر يۇمشاق دېتال سېتىشتىن كېيىنكى باشقا شەكىلدىكى كاپالەتلەردىن بەھرىمەن بولمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار رۇخسەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى چەكتە، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى سىزگە مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ «ھازىرقى ھالىتى» گە ئاساسەن ئىجازەت بېرىدۇ. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ھېچقانداق ئېنىق، سۈكۈتتىكى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن كاپالەت، كېپىللىك ياكى شەرت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بۇ تاۋارنىڭ سېتىشقا ماس كېلىشچانلىقى، كونكرېت مەقسەتكە ماس كېلىدىغانلىقى ۋە دەخلى-تەرۇز قىلماسلىققا سۈكۈتتىكى كاپالەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال ھېچقانداق ئىشلەتكۈچىنىڭ كونكرېت مەقسىتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى مەھسۇلات سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن ۋە تەمىنلەنگەن. سىز دائىم ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش خەۋپىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك. مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ ياكى ئىشلىتەلمەي كېلىپ چىققان زىيان ۋە خەتەرگە قارىتا توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، بۇ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شەخسىي زىيان، سودا پايدىسىنىڭ يوقىلىشى، سودا ئۈزۈلۈپ قېلىش، سودا ئۇچۇرلىرىنىڭ يوقىلىشى ياكى باشقا ئىقتىسادىي زىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇلېكىن ئۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى تېلېگراف سىستېمىسى ياكى ئىنتېرنېت تورىنىڭ كاشىلا قىلىشى، سىستېمىنىڭ كاشىلا قىلىشى ياكى باشقا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر (خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئىشلەتكۈچى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىغا زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغاندا. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئىجازەتنامىنى توختىتىش، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش، ئىشلىتىشنى چەكلەش، قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدىغان  تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.
.6قوللاش مۇلازىمىتى.
(1) ئەگەر مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا قوشۇمچە قىلىنغان ئىشلەتكۈچى قوللانمىسى ياكى باشقا ماتېرىياللاردا، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلەتكۈچىلەرنى قوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇنداقتا توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلەتكۈچى قوللانمىسى ياكى باشقا ماتېرىياللاردا بەلگىلەنگەن ھەر خىل سىياسەت ۋە پىروگراممىلارغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچىلەرنى مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك قوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(2) قوللاش مۇلازىمىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىشلەتكۈچىگە تەمىنلەنگەن قوشۇمچە يۇمشاق دېتال كودى (ئەگەر بار بولسا) بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ ھەمدە چوقۇم بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
(3) ئىشلەتكۈچى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىغا قوللاش مۇلازىمىتىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە تەمىنلىگەن تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنى (ئەگەر Bug ئىنكاسلىرى، مەھسۇلات تەكلىپلىرى قاتارلىقلار بار بولسا) توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ مەھسۇلات قوللاش ۋە ئېچىش قاتارلىق سودا خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرگە ئىشىلىتىشگە ئېنىق ماقۇللۇق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئىشلەتكۈچىلەرنى قوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندىكى زۆرۈر ئەھۋاللاردىن باشقا ئەھۋالدا توشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنى ئىشلەتكەندە ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئالاھىدە ئاشكارىلىمايدۇ ۋە ئەسكەرتمەيدۇ.
.7چەكلىك مەسئۇلىيەت.
7.1 توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى مەزكۇر يۇمشاق دېتال ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ يەرلىك قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ ، بۇلار (1) سانلىق مەلۇمات قوغداش، مەخپىيەتلىكنى قوغداش ۋە ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن-نىزاملار؛(2) تېلېگراف قانۇنى ؛ (3) مەزمۇن باھالاش قانۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ. بايقالغان ياكى ئاشكارىلانغان بىخەتەرلىك خەۋپىگە قارىتا، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلەتكۈچىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، سەلبىي تەسىرنى  ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ . ئەگەر بۇ ماددىغا خىلاپلىق قىلسا، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى قانۇن بويىچە ئىشلەتكۈچىلەر تارتقان زىياننى تۆلەپ بېرىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىگە بولغان يامان تەسىرنى يوقىتىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېلىشىم بولسىمۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇ كېلىشىمدىكى كونكرېت جۇغراپىيىلىك رايون چەكلىمىسىدىن خالىغانچە ئېشىپ كەتسە ھەمدە شۇ ئارقىلىق شۇ جاينىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلسا، ئىشلەتكۈچى بارلىق قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
7.2 7.1-ماددىدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتتىن باشقا، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ھوقۇق بەرگەن تارقاتقۇچى ياكى بۇ ھەر قانداق زاپچاسنىڭ ئىجازەتنامىسى بولغان كىشى مەزكۇر كېلىشم ئاساسىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا سومما سىز توڭشىن يۇمشاق دېتال ۋاسىتىچى ماددا ئۈچۈن تۆلىگەن سوممىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى سىز ياكى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا قوللىنىلىدىغان ياكى مەزكۇر يۇمشاق دېتالدا ئېلىپ بېرىلغان مەشغۇلات مەزمۇنى ياكى بۇ مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تۆلەم تەلىپى ياكى زىيانغا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
.8ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال پىروگراممىلىرى. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ يۇمشاق دېتالغا ئەگەشتۈرۈپ ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال پىروگراممىلىرىنى تارقىتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال پىروگراممىلىرى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر ئەمەس، بەلكى سىزگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن، ئ‍ۇلار ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ئىجازەت بىرىش ماددىلىرى  ياكى قانۇنىي كېلىشىمگە بويسۇنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز بۇ يۇمشاق دېتالنى ئاساس قىلىپ قاچىلىغان ۋە ئىجرا قىلغان باشقا پىروگراممىلارمۇ ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال پروگراممىلىرىنىڭ دائىرىسىگە تەۋە. سىز ۋە ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال پىروگراممىسى ئىجازەت ئىگىسى تەرەپ بىلەن، ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالىغا قوشۇمچە قىلىنغان ئىجازەتنامە ياكى قانۇنىي كېلىشىملەرگە ئاساسەن قوش گەۋدە ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بېكىتىلىدۇ، ھەمدە قانۇنىي كېلىشىمگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ بۇ خىل پروگراممىلارنى ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بار-يوقلۇقىنى بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر سىز بىردىن ئارتۇق سىستېمىغا ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال پىروگراممىسىنى قاچىلىماقچى ياكى ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال پىروگراممىسىنى باشقا كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسىڭىز، ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال پىروگراممىسى ئىجازەت ئىگىسى بىلەن ئۆزىڭىز ئالاقىلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتكە ئېرىشىشىڭىز كېرەك.
.9ھوقۇق ساقلاپ قېلىش. ئېنىق ئىجازەت  بېرىلمىگەن بۇ يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھوقۇقلار توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىغا تەۋە، ئىشلەتكۈچىلەر باشقا ھوقۇقلارنى ئىشلەتكەندە چوقۇم توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئىجازەت بەرگەن يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
.10ئىجازەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش.
(1) ئەگەر مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ھەرقايسى ماددا ۋە شەرتلىرىگە ئەمەل قىلمىسىڭىز، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ. مەزكۇر كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، چوقۇم بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ بارلىق كۆپەيتمە نۇسخىلرى، قوشۇمچە قىلىنغان ھۆججەت باسما ماتېرىياللارنى دەرھال يوقىتىشى كېرەك ياكى ئۇنى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك..
(2) سىزگە مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ھەرقانداق ئالماشتۇرۇلغان نۇسخىسى، ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ياكى يېڭىلانغان نۇسخىسىنىڭ كېلىشىمى تەمىنلەنگەندە، سىزنىڭ بۇ خىل ئالماشتۇرۇلغان نۇسخا ياكى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخا ياكى يېڭىلانغان نۇسخىدىكى كېلىشىمىنى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئورنىغا قوبۇل قىلىشىڭىز شەرت، شۇنىڭدىن كېيىن توڭشىن مەزكۇر توختامنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ.
.11ئۇچۇر يوللاش توغرىسىدا. ئەگەر سىز ھەرقانداق ئۇسۇل ياكى ھەرقانداق مېدىيا ئارقىلىق ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى ياكى باشقا ئۇچۇرلارنى توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىغا  يوللىسىڭىز(تۆۋەندە «ئۇچۇر» دەپ ئ‍ېلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئۇچۇر مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ياخشىلاش ۋە مەزكۇر يۇمشاق دېتال بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ھەققىدا يوللىغان ئىدىيە، ئۇقۇم ياكى تېخنىكا، ياكى ئىنكاس، سانلىق مەلۇمات، مەسىلە، باھا، تەكلىپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ) بارلىق بۇ ئۇچۇرلارنىڭ چەككە ئۇچرىمايدىغان، مەخپىي ئەمەس ئۇچۇر دەپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ماقۇللىغان بولىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن  بۇ ئۇچۇرلارنى دۇنيا مىقياسىدا مەڭگۈلۈك، تارتىۋالغىلى بولمايدىغان، مەخسۇس ئەمەس  ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىقىغا قوشۇلىسىز ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى باشقا تەرەپلەر بىلەن ئورتاقلاشقاندا (قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال تەمىنلىگۈچىلەرگە ئوخشاش) سىزگە  تۆلەم بېرىش ياكى ھەق تۆلەش مەجبۇرىيىتى يوق. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بۇ ماددىدىكى ھوقۇقى يەنە سىز يوللىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش، كۆپەيتىش، يوللاش ۋە تارقىتىش، بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىپ ئەسەرلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى يېڭى ئەسەرلەرنى بەرپا قىلىش، بۇنىڭدىن تۇغدۇرما ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش، بارلىق سىز يوللىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىش ۋە ئىجرا قىلىش. ئۈچىنچى تەرەپنىڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرنى قوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندىكى زۆرۈر ئەھۋاللاردىن باشقا ئەھۋالدا توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلەتكەندە ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئالاھىدە ئاشكارىلىمايدۇ ۋە ئەسكەرتمەيدۇ.
.12شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش. سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەندە، بىز مەزكۇر كېلىشىم ۋە مەخپىيەتلىك تۈزۈمىدە بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە  ئۈسكۈنىڭىزدىن سانلىق ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. تۆۋەندىكى تور بەتتىن مەخپىيەتلىك تۈزۈمى  تەپسىلاتىنى كۆرۈشكە بولىدۇ: [https://www.uniontech.com/agreement/privacy-cn]
بارماق ئىزى، كۆز پەردىسى ۋە چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قوللايدىغان شەخسىي قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ، دەلىللەش ۋە تىزىملاپ كىرىش قاتارلىق سالاھىيەت دەلىللەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا،  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىدارلار بارماق ئىزىڭىز، كۆز پەردىڭىز ۋە چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئۇچۇرلار شەخسىي ئۈسكۈنىڭىزدە ساقلىنىدۇ، بۇ يۇمشاق دېتال ئۇلارنى توپلىمايدۇ ياكى بىر تەرەپ قىلمايدۇ.
.13جۇغراپىيىلىك رايون ۋە ئېكسپورت چەكلىمىسى. ئەگەر يۇمشاق دېتالىڭىزنى مەلۇم بىر جۇغراپىيىلىك رايوندا ئىشلىتىلىش بەلگىلەنگەن بولسا، يۇمشاق دېتالنى شۇ رايوندىلا ئاكتىپلىيالايسىز. سىز چوقۇم يۇمشاق دېتالغا قوللىنىلىدىغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئېكسپورت قانۇن-نىزاملىرىغا، جۈملىدىن نىشان رايون، ئاخىرقى ئىشلەتكۈچى ۋە ئاخىرقى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق چەكلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك.
.14باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە قانۇنىي قوللىنىلىشى. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىجرا قىلىنىشى، چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىنىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن بۇنىڭ سىرتىدا) قانۇنىغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز ۋە توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ئارىسىدا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ياكى ئىجرا قىلىنىشىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە ئىككى تەرەپ دوستانە كېلىشىشى كېرەك؛ ئ‍ەگەر كېلىشىش مۇمكىن بولمىغاندا، ھەرقانداق بىر تەرەپ [بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى] خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
.15شەرھلەش ۋە ئۆزگەرتىش. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى بۇ كېلىشىمنى «GNU ئومۇمىي ئاممىۋى ئىجازەتنامە كېلىشىمى» (2-نەشرى) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كېلىشىم ۋە قانۇن-نىزاملار رۇخسەت قىلغان دائىرىدە تولۇق شەرھلەشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. توڭشىن يۇمشاق دېتاللىرى ھەرقانداق  ۋاقىتتا قانۇن-نىزاملارنىڭ ئۆزگىرىشى، شىركەت سودا ئەھۋالى ۋە سودا سىياسىتىدىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا مەزكۇر كېلىشىمگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كېلىشىم بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ يېڭى نەشرىگە قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن مەزمۇنىنى ئوقۇپ قوشۇلۇشنى تاللىشىڭىز كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، مەزكۇر كېلىشىم بىكار قىلىنىپ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى كېلىشىمگە ئاساسلىنىش كېرەك. ئەگەر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا قوشۇلمىسىڭىز، بۇ يۇمشاق دېتالنى يۇيىۋەتسىڭىز ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز، مەزكۇر كېلىشىمدىكى ئۆزگەرتىشلەرگە قوشۇلغان بولۇپ ھېسابلىنىسىز.
16.بۇ كېلىشىم كۆپ خىل تىلدا يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن، مەيلى قايسى تىل نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە نۇسخىسى ئەڭ توغرا شەرھلەنگەن نۇسخا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
.17بىز بىلەن ئالاقىلىشىش. ئەگەر بۇ كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك سوئالىڭىز بولسا ياكى توڭشىن دېتالىدىن ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق توڭشىن يۇمشاق دېتالى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىڭ: support@uniontech.com.